Python ئارقىلىق پروگرامما تۈزۈش

Python ئارقىلىق پروگرامما تۈزۈش

Python ئارقىلىق پروگرامما تۈزۈش

سۈنئىي ئەقىل پروگرامما تىلى

Python ئارقىلىق پروگرامما تۈزۈش دۇنياسىغا قەدەم قويىمىز

دەرس ئۇچۇرلىرى
12
ھەپتە
10-14
ياش
ئوتتۇرا سەۋىيە
سەۋىيە
دەرس چۈشەندۈرۈلۈشى

ۋىدىيو چۈشەندۈرۈشى: UyghurSTEM ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرس ۋە پائالىيەتلىرىدىن بەزى كۆرۈنۈشلەر

روبوتلار دېگەن نېمە

روبوتلار ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا ئەتراپىدىن (ياكى تاشقى دۇنيادىن) كەلگەن ئۇچۇرلارنى ھەرخىل سېنزورلىرى (سەزگۈچلىرى) ئارقىلىق قوبۇل قىلىپ (بايقاپ)، ئاندىن بۇ ئۇچۇرغا نىسبەتەن مۇۋاپىق پىلانلاش(ياكى قارار قىلىش مېخانىزىمى) ئارقىلىق، مەلۇم ئىش-ھەرىكەتنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان قۇرۇلما (ياكى مېخانىزىم) بولۇپ، تەربىيەلەش پروگراممىمىزدا ئوقۇغۇچىلار بىر روبوتنى ياساش ئۈچۈن قانداق ئويلاپ، قانداق پىلانلاپ، قانداق لايىھەلەپ، پروگراممىسى ئۈچۈن قانداق تەپەككۇر قىلىپ ۋە قايسى تىلدا قانداق يېزىپ، قايسى ئېلېكترونلۇق ۋە مېخانىكىلىق جەريانلار ئارقىلىق پۈتتۈرىدىغانلىنى ئەمەلىي پروجېكتلار ئارقىلىق ئەمەلىي باشتىن كەچۈرۈپ ئۆگىنىدۇ.

Bootcamp دېگەن نېمە؟

تەربىيەلەش پروگراممىمىز Bootcamp خاراكتېرلىك بولۇپ، Bootcamp ئەسلىدە ئەسكەرلەرنىڭ ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كېرەكلىك ماھارەتلەر بويىچە قىيىن ۋە قاتتىق شارائىتلاردا مەشقلەندۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كەسپىي قابىليىتىنى تېز سۈرئەتتە يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغان تەربىيەلەشلەرگە بېرىلىدىغان ئىسىم بولۇپ، ھازىر بۇ خىل تەربىيەلەش ئۇسۇلىنىڭ تەدبىقلىنىش دائىرىسى باشقا ساھەلەرگىمۇ كېڭىيىپ، مۇناسىۋەتلىك ساھەدىكى كىشىلەرنىڭ زۆرۈر بولغان ئىقتىدارلارنى يېتىلدۈرۈشى مەقسەت قىلىنغان تەربىيەلەش پروگراممىلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. بىزمۇ يىللاردىن بۇيان توپلىغان تەجرىبىلىرىمىز ئاساسىدا ئوقۇغۇچىلىرىمىزنى مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا تەربىيەلەپ كېلىۋاتىمىز.

ۋىدىيو چۈشەندۈرۈشى: UyghurSTEM ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرس ۋە پائالىيەتلىرىدىن بەزى كۆرۈنۈشلەر

KashgArduino

دەرسلىرىمىزدە ئىشلىتلىدىغان يەككە ئۆزەكلىك مىكرو كونتروللىغۇچ تاختىسى KashgArduino

ۋىدىيو چۈشەندۈرۈشى: UyghurSTEM ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرس ۋە پائالىيەتلىرىدىن بەزى كۆرۈنۈشلەر

جاۋاب: تەربىيەلەش پروگراممىزنىڭ مەزمۇنى ئىلگىرىكى يىللارغا قارىغاندا زور دەرىجىدە زىچلاشتۇرۇلغان ۋە ئەلالاشتۇرۇلغان بولۇپ، دەرسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى پروجېكت ئىشلەشكە مەركەزلەشتۈرۈلدى، ئوقۇغۇچىلار بۇ تەربىيەلەش پروگراممىسىدا ئىلگىرى ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى تېز سۈرئەتتە ئەسلەپ چىققاندىن كېيىن، ئۆزىمىز لايىھەلەپ كۆپچىلىكنىڭ ئىشلىتىشىگە سۇنغان يەككە ئۆزەكلىك مىكرو كونتروللىغۇچ تاختىسى KashgArduino ئ‍ارقىلىق ئونلىغان پروجېكتلارنى ئىشلەيدۇ. بۇ جەرياندا بىر روبوتنى لايىھەلەش ئۈچۈن ئېھتىياج ئانالىزىنى قانداق بېكىتىش، قانداق لايىھەلەش، ماتېرىياللارنى قانداق قىلىپ ياساش، قوراشتۇرۇش، مېخانىكىلىق قىسىملىرى ئۈچۈن 3D پرېىنتېردا بېسىش، كودىنى قانداق يېزىش، دەسلەپكى ئېلېكترون ساۋاتلىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمە مەلۇماتلارنى ئوقۇغۇچىلار ئەمەلىي پروجېكتلارنى بىرمۇبىر تۇتۇپ ياساش ئارقىلىق ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.

بۇ دەرس 8 ياشتىن 15 ياش ئارىلىقىدىكى ئىلگىرى مەلۇم دەرىجىدە Arduino ئۆگىنىپ باققان ئۆسمۈرلەرگە ماس كېلىدىغان بولۇپ، دەرسكە ئىلتىماس قىلغان ئوقۇغۇچىلار تەپسىلىي باھالاشتىن ئۆتكەندىن كېيىن قوبۇل قىلىنىدۇ.

جاۋاب: دەرستىكى بارلىق مەشغۇلاتلاردا كومپيۇتېر لازىم بولىدىغان بولۇپ، دەرسنىڭ توردىكى قىسىمى ۋە يۈزتۇرانە قىسىمىغا چوقۇم كومپيۇتېر بىلەن قاتنىشىشىڭىز كېرەك بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە روبوتلىرىڭىزنى ياساش ئۈچۈن تۆۋەندىكى رەسىمدىكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان Arduino Set/Arduino Kit دەپ ئاتىلىدىغان بىر يۈرۈش ماتېرىياللار لازىم بولىدۇ (رەسىمدە ئۆرنەك ئۈچۈنلا كۆرسىتىلدى).
Arduino Set/Arduino Kit
دەرس ئۇچۇرلىرى
12
ھەپتە
10-14
ياش
ئوتتۇرا سەۋىيە
سەۋىيە
ئەسكەرتىشلەر
ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تاقاق
دەرس ئۇچۇرلىرى
باھا:

ھەقسىز دەرس

ئوقۇتقۇچى:
ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ھالىتى: ئاكتىپ
ئەسكەرتىش

دەرسكە يازدۇرۇش ئۈچۈن بالىڭىزنىڭ يېشى 10-14 ياش ئارىسىدا بولۇشى كېرەك.

دەرسكە يازدۇرۇش

دەرسكە يازدۇرۇش ئۈچۈن ئاۋۋال سىستېمىغا كىرىڭ

سىستېمىغا كىرىڭ