تۇنجى روبوتۇمنى ياسايمەن

تۇنجى روبوتۇمنى ياسايمەن

تۇنجى روبوتۇمنى ياسايمەن

پروگرامما تىلى روبوتىك ئېلېكترون

روبوت دۇنياسىغا قەدەم قويغان يېشى كىچىك ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان دەرس

دەرس ئۇچۇرلىرى
6
ھەپتە
5-8
ياش
باشلانغۇچ سەۋىيە
سەۋىيە
دەرس ئالاھىدىلىكلىرى
25.08.2025
باشلىنىش كۈنى
01.10.2025
ئاخىرلىشىش كۈنى
تور + يۈزتۇرانە
دەرس شەكلى
live + playback
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى
دەرس چۈشەندۈرۈلۈشى

ۋىدىيو چۈشەندۈرۈشى: UyghurSTEM ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرس ۋە پائالىيەتلىرىدىن بەزى كۆرۈنۈشلەر

روبوتلار دېگەن نېمە

روبوتلار ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا ئەتراپىدىن (ياكى تاشقى دۇنيادىن) كەلگەن ئۇچۇرلارنى ھەرخىل سېنزورلىرى (سەزگۈچلىرى) ئارقىلىق قوبۇل قىلىپ (بايقاپ)، ئاندىن بۇ ئۇچۇرغا نىسبەتەن مۇۋاپىق پىلانلاش(ياكى قارار قىلىش مېخانىزىمى) ئارقىلىق، مەلۇم ئىش-ھەرىكەتنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان قۇرۇلما (ياكى مېخانىزىم) بولۇپ، تەربىيەلەش پروگراممىمىزدا ئوقۇغۇچىلار بىر روبوتنى ياساش ئۈچۈن قانداق ئويلاپ، قانداق پىلانلاپ، قانداق لايىھەلەپ، پروگراممىسى ئۈچۈن قانداق تەپەككۇر قىلىپ ۋە قايسى تىلدا قانداق يېزىپ، قايسى ئېلېكترونلۇق ۋە مېخانىكىلىق جەريانلار ئارقىلىق پۈتتۈرىدىغانلىنى ئەمەلىي پروجېكتلار ئارقىلىق ئەمەلىي باشتىن كەچۈرۈپ ئۆگىنىدۇ.

Bootcamp دېگەن نېمە؟

تەربىيەلەش پروگراممىمىز Bootcamp خاراكتېرلىك بولۇپ، Bootcamp ئەسلىدە ئەسكەرلەرنىڭ ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كېرەكلىك ماھارەتلەر بويىچە قىيىن ۋە قاتتىق شارائىتلاردا مەشقلەندۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كەسپىي قابىليىتىنى تېز سۈرئەتتە يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغان تەربىيەلەشلەرگە بېرىلىدىغان ئىسىم بولۇپ، ھازىر بۇ خىل تەربىيەلەش ئۇسۇلىنىڭ تەدبىقلىنىش دائىرىسى باشقا ساھەلەرگىمۇ كېڭىيىپ، مۇناسىۋەتلىك ساھەدىكى كىشىلەرنىڭ زۆرۈر بولغان ئىقتىدارلارنى يېتىلدۈرۈشى مەقسەت قىلىنغان تەربىيەلەش پروگراممىلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. بىزمۇ يىللاردىن بۇيان توپلىغان تەجرىبىلىرىمىز ئاساسىدا ئوقۇغۇچىلىرىمىزنى مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا تەربىيەلەپ كېلىۋاتىمىز.

ۋىدىيو چۈشەندۈرۈشى: UyghurSTEM ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرس ۋە پائالىيەتلىرىدىن بەزى كۆرۈنۈشلەر

ۋىدىيو چۈشەندۈرۈشى: بۇ دەرسمىزدە ياسايدىغان پروجېكتلاردىن كىچىككىنە بىر ئۆرنەك


ۋىدىيو چۈشەندۈرۈشى: بۇ دەرسمىزدە ياسايدىغان پروجېكتلاردىن كىچىككىنە بىر ئۆرنەك


ۋىدىيو چۈشەندۈرۈشى: بۇ دەرسمىزدە ياسايدىغان پروجېكتلاردىن كىچىككىنە بىر ئۆرنەك


ۋىدىيو چۈشەندۈرۈشى: بۇ دەرسمىزدە ياسايدىغان پروجېكتلاردىن كىچىككىنە بىر ئۆرنەك


ۋىدىيو چۈشەندۈرۈشى: بۇ دەرسمىزدە ياسايدىغان پروجېكتلاردىن كىچىككىنە بىر ئۆرنەك


KashgArduino

رەسىمدىكىسى ئۆزىمىز تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان يەككە ئۆزەكلىك مىكرو كونتروللىغۇچ تاختىسى KashgArduino بولۇپ، ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى سەۋىيەدىكى روبوتىك پروگرامما دەرسلىرىمىزدە KashgArduino مىكرو كونتروللىغۇچ تاختىسى ئىشلىتىلىدۇ.

ۋىدىيو چۈشەندۈرۈشى: UyghurSTEM ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرس ۋە پائالىيەتلىرىدىن بەزى كۆرۈنۈشلەر

جاۋاب: بۇ تەربىيەلەش پروگراممىسى مەخسۇس كىچىك ياشتىكىلەرنىڭ قوبۇل قىلالىشى ئۈچۈن قاراتمىلىق ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، كۆرۈنمە يۈزلۈك ھالەتتە پروگرامما تۈزۈشنى ئۆگىتىدىغان بۆلەك ئاساسىدىكى پروگرامما تىللىرى ئاساس قىلىنىدۇ، دەرس پۈتۈنلەي ئويۇن خاراكتېرلىك بولۇپ، دەسلەپتە بۆلەك ئاساسىدىكى پروگرامما تىللىرى ئارقىلىق بالىلارنىڭ كود يېزىش ساۋادى چىققاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ روبوتلىرنىڭ كودلىرىنى يېزىشقا باشلايدۇ. دەرستە بالىلار ئۈچۈن Micro Bit ئىسىملىك مىكرو كونتروللىغۇچ تاختىسى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، بالىلار مۇرەككەپ سىملارنى ئۇلاپ يۈرمەي بۇ ئارقىلىق ئاددىيلا بىر قانچە باسقۇچ كود ئارقىلىق ئۆزىنىڭ خىلمۇ-خىل روبوتلىرىنى ياسىيالايدۇ.

بۇ دەرس 6-8 ياش ئارىلىقىدىكى تۇنجى قېتىم روبوت دۇنياسىغا قەدەم باسىدىغان ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن ئېچىلغان بولۇپ، بالىلار ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەمراھلىقىدا قاتنىشىشى تەشەببۇس قىلىنىدۇ. دەرسلەر توردا باشلىنىدىغان بولۇپ، توردىكى دەرسلەرگە قوشۇمچە قىلىپ 9-ئاي ئىچىدە بىر قانچە قېتىم يۈزتۇرانە دەرس ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.

جاۋاب: دەرستىكى بارلىق مەشغۇلاتلاردا كومپيۇتېر لازىم بولىدىغان بولۇپ، دەرسنىڭ توردىكى قىسىمى ۋە يۈزتۇرانە قىسىمىغا چوقۇم كومپيۇتېر بىلەن قاتنىشىشىڭىز كېرەك بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە روبوتلىرىڭىزنى ياساش ئۈچۈن تۆۋەندىكى رەسىمدىكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان بىر يۈرۈش ماتېرىياللار لازىم بولىدۇ (رەسىمدە ئۆرنەك ئۈچۈنلا كۆرسىتىلدى).
Arduino Set/Arduino Kit
دەرس ئۇچۇرلىرى
6
ھەپتە
5-8
ياش
باشلانغۇچ سەۋىيە
سەۋىيە
دەرس ئالاھىدىلىكلىرى
25.08.2025
باشلىنىش كۈنى
01.10.2025
ئاخىرلىشىش كۈنى
يۈزتۇرانە + تور
دەرس شەكلى
ئارىلاش
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى
ئەسكەرتىشلەر
ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تاقاق
دەرس ئۇچۇرلىرى
باھا:

ھەقسىز دەرس

ئوقۇتقۇچى:
ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ھالىتى: ئاكتىپ
ئەسكەرتىش

دەرسكە يازدۇرۇش ئۈچۈن بالىڭىزنىڭ يېشى 5-8 ياش ئارىسىدا بولۇشى كېرەك.

دەرسكە يازدۇرۇش

دەرسكە يازدۇرۇش ئۈچۈن ئاۋۋال سىستېمىغا كىرىڭ

سىستېمىغا كىرىڭ