تەبىئىي پەن، تېخنولوگىيە، ئىنژېنېرلىق ۋە ماتېماتىكا
ئىلگىرى Arduino ئۆگىنىپ باققان ئوقۇغۇچىلارغا ماس كېلىدۇ
ۋىدىيو چۈشەندۈرۈشى: UyghurSTEM ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرس ۋە پائالىيەتلىرىدىن بەزى كۆرۈنۈشلەر
روبوتلار ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا ئەتراپىدىن (ياكى تاشقى دۇنيادىن) كەلگەن ئۇچۇرلارنى ھەرخىل سېنزورلىرى (سەزگۈچلىرى) ئارقىلىق قوبۇل قىلىپ (بايقاپ)، ئاندىن بۇ ئۇچۇرغا نىسبەتەن مۇۋاپىق پىلانلاش(ياكى قارار قىلىش مېخانىزىمى) ئارقىلىق، مەلۇم ئىش-ھەرىكەتنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان قۇرۇلما (ياكى مېخانىزىم) بولۇپ، تەربىيەلەش پروگراممىمىزدا ئوقۇغۇچىلار بىر روبوتنى ياساش ئۈچۈن قانداق ئويلاپ، قانداق پىلانلاپ، قانداق لايىھەلەپ، پروگراممىسى ئۈچۈن قانداق تەپەككۇر قىلىپ ۋە قايسى تىلدا قانداق يېزىپ، قايسى ئېلېكترونلۇق ۋە مېخانىكىلىق جەريانلار ئارقىلىق پۈتتۈرىدىغانلىنى ئەمەلىي پروجېكتلار ئارقىلىق ئەمەلىي باشتىن كەچۈرۈپ ئۆگىنىدۇ.
تەربىيەلەش پروگراممىمىز Bootcamp خاراكتېرلىك بولۇپ، Bootcamp ئەسلىدە ئەسكەرلەرنىڭ ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كېرەكلىك ماھارەتلەر بويىچە قىيىن ۋە قاتتىق شارائىتلاردا مەشقلەندۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كەسپىي قابىليىتىنى تېز سۈرئەتتە يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغان تەربىيەلەشلەرگە بېرىلىدىغان ئىسىم بولۇپ، ھازىر بۇ خىل تەربىيەلەش ئۇسۇلىنىڭ تەدبىقلىنىش دائىرىسى باشقا ساھەلەرگىمۇ كېڭىيىپ، مۇناسىۋەتلىك ساھەدىكى كىشىلەرنىڭ زۆرۈر بولغان ئىقتىدارلارنى يېتىلدۈرۈشى مەقسەت قىلىنغان تەربىيەلەش پروگراممىلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. بىزمۇ يىللاردىن بۇيان توپلىغان تەجرىبىلىرىمىز ئاساسىدا ئوقۇغۇچىلىرىمىزنى مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا تەربىيەلەپ كېلىۋاتىمىز.
ۋىدىيو چۈشەندۈرۈشى: UyghurSTEM ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرس ۋە پائالىيەتلىرىدىن بەزى كۆرۈنۈشلەر
رەسىمدىكىسى ئۆزىمىز تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان يەككە ئۆزەكلىك مىكرو كونتروللىغۇچ تاختىسى KashgArduino بولۇپ، ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى سەۋىيەدىكى روبوتىك پروگرامما دەرسلىرىمىزدە KashgArduino مىكرو كونتروللىغۇچ تاختىسى ئىشلىتىلىدۇ.
ۋىدىيو چۈشەندۈرۈشى: UyghurSTEM ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرس ۋە پائالىيەتلىرىدىن بەزى كۆرۈنۈشلەر
دەرسكە يازدۇرۇش ئۈچۈن بالىڭىزنىڭ يېشى 8-15 ياش ئارىسىدا بولۇشى كېرەك.