تەبىئىي پەن، تېخنولوگىيە، ئىنژېنېرلىق ۋە ماتېماتىكا
كومپيۇتېر پروگرامما تىللىرىغا كىرىش ۋە سۈنئىي ئەقىلدىن ساۋات
ۋىدىيو چۈشەندۈرۈشى: UyghurSTEM ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرس ۋە پائالىيەتلىرىدىن بەزى كۆرۈنۈشلەر
كومپيۇتېر پىروگراممىسى تۈزۈش ياكى پروگراممىلاش بولسا كومپيۇتېر چۈشىنىەلەيدىغان تىللاردىن پايدىلىنىپ، مەلۇم بىر ئىشنى كومپيۇتېرغا ئورۇندىغۇزىدىغان ئىجادىي جەريان بولۇپ، كومپيۇتېر پىروگراممىسى تۈزۈش يۈكسەك دەرىجىدە لوگىكىلىق تەپەككۇرغا تايىنىدىغانلىقتىن، كومپيۇتېر پىروگراممىسى تۈزۈشنى ئۆگىنىپ، ئىزچىل داۋاملاشتۇرغان بالىلارنىڭ لوگىكىلىق پىكىر قىلىش قابىيلىتىمۇ تېز تەرەققىي قىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار تىلدىن باشقا يەنە ھەرقانداق يۇمشاق دېتال ئىجادىيىتى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان ئانالىتىك ئويلاش ۋە ئالگورىزم (پروگرامما تىللىرىدىكى مەلۇم مەقسەتنى ئىشقا ئاشۇرۇن ئۈچۈن ئۈچۈن پروگرامما تىللىرىنىڭ قائىدىلىرىگە ئۇيغۇن ھالدا ئېنتايىن ئېنىق تەرتىپلەر بىلەن لايىھىلەنگەن قەدەم-باسقۇچلار) يېزىش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرەلەيدۇ.
بۇ دەرستە ئوقۇغۇچىلار بۆلەك ئاساسىدىكى پروگرامما لايىھەلەش (block-based programming) تىللىرىنى ئىشلىتىپ كومپيۇتېردا پروگرامما يېزىش ھەققىدە ئەڭ دەسلەپكى ئۇقۇمغا ئىگە قىلىنىدۇ، ئوقۇغۇچىلار بۇ جەرياندا كومپيۇتېر پىروگراممىسى تۈزۈشتىكى ئەڭ نىگىزلىك ئۇقۇملاردىن شەرتلىك جۈملىلەر (conditional statements)، دەۋرىيلىك(loop)، ئۆزگەرگۈچى(variable)، فۇنكسىيە قاتارلىقلار بىلەن تونۇشۇپ چىقىدۇ ۋە بۇ ئۇقۇملارنى ئىشلىتىپ پروگرامما تىلى دۇنياسىغا تۇنجى قەدىمىنى ئوڭۇشلۇق بېسىپ ئۆزلىرىنىڭ ئويۇنلىرىنى ياسىيالايدىغان بولىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە سۈنئىي ئەقىل قوراللىرى ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن، ماشىنا ئۆگىنىشى (Machine Learning) ھەققىدە ئۇقۇم ۋە ئەمەلىي قوللىنىشى ھەققىدى ساۋاتلارمۇ سۆزلىىدىغا بولۇپ، بالىلار ئۆزلىرىنىڭ يازغان پروگراممىسىغا ئاۋاز تونۇش، سۈرەت تونۇش ئىقتىدارلىرىنى قوشۇپ ئەمەلىي پروجېكتلارنى ئوتتۇرىغا قويالايدىغان بولىدۇ.
تەربىيەلەش پروگراممىمىز Bootcamp خاراكتېرلىك بولۇپ، Bootcamp ئەسلىدە ئەسكەرلەرنىڭ ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كېرەكلىك ماھارەتلەر بويىچە قىيىن ۋە قاتتىق شارائىتلاردا مەشقلەندۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كەسپىي قابىليىتىنى تېز سۈرئەتتە يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغان تەربىيەلەشلەرگە بېرىلىدىغان ئىسىم بولۇپ، ھازىر بۇ خىل تەربىيەلەش ئۇسۇلىنىڭ تەدبىقلىنىش دائىرىسى باشقا ساھەلەرگىمۇ كېڭىيىپ، مۇناسىۋەتلىك ساھەدىكى كىشىلەرنىڭ زۆرۈر بولغان ئىقتىدارلارنى يېتىلدۈرۈشى مەقسەت قىلىنغان تەربىيەلەش پروگراممىلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. بىزمۇ يىللاردىن بۇيان توپلىغان تەجرىبىلىرىمىز ئاساسىدا ئوقۇغۇچىلىرىمىزنى مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا تەربىيەلەپ كېلىۋاتىمىز.
ۋىدىيو چۈشەندۈرۈشى: UyghurSTEM ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرس ۋە پائالىيەتلىرىدىن بەزى كۆرۈنۈشلەر
رەسىمدىكىسى ئۆزىمىز تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان يەككە ئۆزەكلىك مىكرو كونتروللىغۇچ تاختىسى KashgArduino بولۇپ، ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى سەۋىيەدىكى روبوتىك پروگرامما دەرسلىرىمىزدە KashgArduino مىكرو كونتروللىغۇچ تاختىسى ئىشلىتىلىدۇ.
ۋىدىيو چۈشەندۈرۈشى: UyghurSTEM ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرس ۋە پائالىيەتلىرىدىن بەزى كۆرۈنۈشلەر
ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق ياكى سىز بىلەن ۋاقتى ئوخشاش شەھەرلەرنى تاللاپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.
ئىلگىرى ھېچقانداق كومپيۇتېر دەرسىگە قاتنىشىپ باقمىغان بولۇش كېرەك
دەرسكە يازدۇرۇش ئۈچۈن بالىڭىزنىڭ يېشى 6-14 ياش ئارىسىدا بولۇشى كېرەك.