مېخانىك لايىھەلەش

مېخانىك لايىھەلەش

مېخانىك لايىھەلەش

3D مودېللاش ئېلېكترون

ئۆزىڭىزنىڭ روبوتلىرىنى ئۆزىڭىز لايىھەلەڭ

دەرس ئۇچۇرلىرى
8
ھەپتە
11-16
ياش
ئوتتۇرا سەۋىيە
سەۋىيە
دەرس چۈشەندۈرۈلۈشى

بۈگۈنكى لايىھە، ئەتىكى تېخنىكىنى بەلگىلەيدۇ!

روبوتلارنى قانداق لايىھەلەيدىغانلىقىغا ۋە قانداق پۈتۈپ چىقىدىغانلىقىغا قىزىقامسىز؟ UyghurSTEM سىزنى دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار CAD (كومپيۇتېر ياردىمىدە لايىھىلەش) پروگراممىلىرىنى ئىشلىتىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مۇكەممەل مېخانىك لايىھىلىگۈچى بولۇشقا يېتەكلەيدۇ!

بۇ كۇرستا نېمىلەرنى ئۆگىنىسىز؟

كۇرسىمىز تېخنىكىلىق چۈشەنچىدىن تارتىپ ئەمەلىي لايىھىلەشكىچە بولغان بارلىق باسقۇچلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

  • لايىھىلەشنىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرى: ماتېرىيال تاللاش، مۇستەھكەملىك ئانالىزى، ئۆلچەم سىستېمىلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىشچانلىقىغا ماس لايىھىلەش (Design for Manufacturing).
  • تېخنىكىلىق سىزما (تېخنىك رەسىم): ISO ۋە ANSI ئۆلچەملىرىگە ماس ھالدا 2D تېخنىكىلىق سىزمىلارنى تەييارلاش.
  • 3D قاتتىق مودېل ياساش (Katı Modelleme): زامانىۋى CAD يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق مۇرەككەپ ماشىنا زاپچاسلىرىنى ئۈچ ئۆلچەملىك شەكىللەندۈرۈش.
  • قىسملارنى قۇراشتۇرۇش (Montaj): ياسالغان ئايرىم زاپچاسلارنى بىر يەرگە جۇغلاپ، ھەرىكەتلىك ماشىنا سىستېمىلىرىنى تەڭشەش.
  • سۈپەت ۋە ئىقتىدار ئانالىزى: لايىھەنىڭ رېئال شارائىتتىكى ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈش، كۈچ ۋە بېسىم ئانالىزى.

كۇرس ئاخىرىدا، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ تېخنىكىلىق لايىھىلەش جەريانىنى نۆلدىن باشلاپ پۈتتۈرۈش ئىقتىدارى يېتىلىدۇ.

دەرس ئۇچۇرلىرى
8
ھەپتە
11-16
ياش
ئوتتۇرا سەۋىيە
سەۋىيە
دەرسنىڭ ئالدىنقى شەرتى

  • بۇ دەرسكە قاتنىشىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئەڭ ئاز 100 سائەتلىك روبوتىك پروگراممىلاش دەرسىگە قاتناشقان يولۇشىڭىز ياكى شۇنىڭغا تەڭداش تەجرىبىڭىز بولۇشى كېرەك.
  • ئاساسىي بىلىم: ئاساسىي ماتېماتىكا ۋە فىزىكا بىلىملىرىگە ئىگە بولۇش (مەسىلەن: ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيىسىدىكى بىلىم).
  • تېخنىكىغا قىزىقىش: روبوتلارغا، ئېلېكترونلۇق ۋە پروگرامما تۈزۈش ساھەسىگە كۈچلۈك قىزىقىشى بولۇش.
  • تىل ئىقتىدارى: دەرسلەرنىڭ تامامەن ئۇيغۇر تىلىدا ئۆتۈلىدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇيغۇر تىلىنى چۈشىنىش ۋە ئىپادىلەش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇش.
  • كومپيۇتېر ئىشلىتىش: ئاساسىي كومپيۇتېر ئىشلىتىش ماھارىتىگە ئىگە بولۇش (مەسىلەن: Windows ياكى Mac مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىش، ھۆججەتلەرنى باشقۇرۇش).
  • ئەستايىدىللىق: دەرسلەرگە ۋە ئەمەلىي مەشىقلەرگە دائىملىق قاتنىشىش ۋە ۋاقتىدا كېلىش.

ئەسكەرتىشلەر
ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تاقاق
دەرس ئۇچۇرلىرى
باھا:

ھەقسىز دەرس

ئوقۇتقۇچى:
ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ھالىتى: ئاكتىپ
ئەسكەرتىش

دەرسكە يازدۇرۇش ئۈچۈن بالىڭىزنىڭ يېشى 11-16 ياش ئارىسىدا بولۇشى كېرەك.

دەرسكە يازدۇرۇش

دەرسكە يازدۇرۇش ئۈچۈن ئاۋۋال سىستېمىغا كىرىڭ

سىستېمىغا كىرىڭ