3D پرىنتېر ياساش

3D پرىنتېر ياساش

روبوتىك پروگرامما تىلى ئېلېكترون 3D مودېللاش

ئۆزىڭىزنىڭ 3D پرىنتېر نۆلدىن باشلاپ ياساڭ

دەرس ئۇچۇرلىرى
4
ھەپتە
13-18
ياش
يۇقىرى سەۋىيە
سەۋىيە
دەرس ئالاھىدىلىكلىرى
01.08.2027
باشلىنىش كۈنى
06.09.2027
ئاخىرلىشىش كۈنى
يۈزتۇرانە
دەرس شەكلى
نەق مەيدان
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى
دەرس چۈشەندۈرۈلۈشى

🌟  ئۆزىڭىزنىڭ 3D پرىنتېرىڭىزنى ياسايدىغان ۋاقتى كەلدى.

UyghurSTEM تېخنىكىغا قىزىقىدىغان بارلىق ياشلارنى، 3D بېسىش ماشىنىسىنى ئۆز قولى بىلەن ياساش مەشىقىگە تەكلىپ قىلىدۇ! بۇ كۇرس ئارقىلىق 3D بېسىش دۇنياسىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر سىرلىرىنى ئۆگىنىپ، ئۆزىڭىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ساھەسىدىكى پۇتىنى مۇستەھكەملەڭ.
بۇ پۇرسەتتە نېمىلەرنى قولغا كەلتۈرىسىز؟ (دەرس مەزمۇنى)

بىزنىڭ ئەمەلىي مەشىقنى ئاساس قىلغان كۇرسىمىزدا، ئوقۇغۇچىلار 3D بېسىش ماشىنىسىنى نۆلدىن باشلاپ پۈتۈنلەي ياساشنى ئۆگىنىدۇ:

  • 3D بېسىش خىزمەت پرىنسىپى: FDM (Fusion Deposition Modeling) قاتارلىق ئاساسىي تېخنىكىلارنى چۈشىنىش.
  • مېخانىك قۇرۇلمىنى يىغىش: ماشىنىنىڭ ئاساسىي رامكىسى، تاسمىلىرى، ماتورلىرى ۋە سىيرىلما ئوقلىرىنى قۇراشتۇرۇش.
  • ئېلېكترونلۇق زاپچاسلارنى ئۇلاش: كونترول تاختىسى، ئاتلاپ ھەرىكەتلىك ماتورلارنى باشقۇرغۇچ (درېۋېر)، توك مەنبەسى ۋە ئىسسىنىش بۆلەكلىرىنى توغرا ئۇلاش.
  • قۇرۇلمىلىق يۇمشاق دېتال (Firmware) ئورنىتىش: Marlin ياكى Klipper قاتارلىق يۇمشاق دېتاللارنى ماشىنىغا يۈكلەش ۋە تەڭشەش.
  • سازلاش (calibration) ۋە تۇنجى بېسىش: ماشىنىنى ئېنىق بېسىشقا تەييارلاش ۋە تۇنجى نەرسىنى بېسىش جەريانى.

ئەسكەرتىش: كۇرس ئاخىرىدا، ھەر بىر ئوقۇغۇچى 3D بېسىش ماشىنىسىنى ياساش، چۈشىنىش ۋە تەڭشەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ.

دەرس ئۇچۇرلىرى
4
ھەپتە
13-18
ياش
يۇقىرى سەۋىيە
سەۋىيە
دەرس ئالاھىدىلىكلىرى
01.08.2027
باشلىنىش كۈنى
06.09.2027
ئاخىرلىشىش كۈنى
يۈزتۇرانە
دەرس شەكلى
نەق مەيدان
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى
دەرسنىڭ ئالدىنقى شەرتى

  • بۇ دەرسكە قاتنىشىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئەڭ ئاز 100 سائەتلىك روبوتىك پروگراممىلاش دەرسىگە قاتناشقان يولۇشىڭىز ياكى شۇنىڭغا تەڭداش تەجرىبىڭىز بولۇشى كېرەك.
  • ئاساسىي بىلىم: ئاساسىي ماتېماتىكا ۋە فىزىكا بىلىملىرىگە ئىگە بولۇش (مەسىلەن: ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيىسىدىكى بىلىم).
  • تېخنىكىغا قىزىقىش: ئايروپىلان، ئېلېكترونلۇق ۋە پروگرامما تۈزۈش ساھەسىگە كۈچلۈك قىزىقىشى بولۇش.
  • تىل ئىقتىدارى: دەرسلەرنىڭ تامامەن ئۇيغۇر تىلىدا ئۆتۈلىدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇيغۇر تىلىنى چۈشىنىش ۋە ئىپادىلەش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇش.
  • كومپيۇتېر ئىشلىتىش: ئاساسىي كومپيۇتېر ئىشلىتىش ماھارىتىگە ئىگە بولۇش (مەسىلەن: Windows ياكى Mac مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىش، ھۆججەتلەرنى باشقۇرۇش).
  • ئەستايىدىللىق: دەرسلەرگە ۋە ئەمەلىي مەشىقلەرگە دائىملىق قاتنىشىش ۋە ۋاقتىدا كېلىش.

ئەسكەرتىشلەر
ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تاقاق
دەرس ئۇچۇرلىرى
باھا:

ھەقسىز دەرس

ئوقۇتقۇچى:
ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ھالىتى: ئاكتىپ
ئەسكەرتىش

دەرسكە يازدۇرۇش ئۈچۈن بالىڭىزنىڭ يېشى 13-18 ياش ئارىسىدا بولۇشى كېرەك.

دەرسكە يازدۇرۇش

دەرسكە يازدۇرۇش ئۈچۈن ئاۋۋال سىستېمىغا كىرىڭ

سىستېمىغا كىرىڭ