يېڭى ھېساب ئېچىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇڭ
بۇ جەدىۋەلنى ئاتا-ئانا تولدۇرىدۇ
© 2025 UyghurSTEM. All rights reserved
ھۆرمەتلىك ئىشلەتكۈچى،
بۇ ئىشلەتكۈچى كېلىشىمى (بۇنىڭدىن كېيىن «كېلىشىم» دەپ ئاتىلىدۇ)، UyghurSTEM ئوقۇتۇش سۇپىسى (بۇنىڭدىن كېيىن «سۇپا» دەپ ئاتىلىدۇ) نىڭ ئىشلىتىلىشىگە ئائىت قائىدىلەرنى، تەرەپلەرنىڭ ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلىرىنى تەڭشەيدۇ. سۇپىغا كىرىش ياكى سۇپىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق، سىز بۇ كېلىشىمنىڭ بارلىق شەرتلىرىنى، قوشۇمچىلىرىنى ۋە سۇپىنىڭ باشقا سىياسەتلىرىنى ئوقۇغانلىقىڭىزنى، چۈشەنگەنلىكىڭىزنى ۋە ئۇلارغا رىئايە قىلىشنى قوبۇل قىلغانلىقىڭىزنى بايان قىلغان بولىسىز.
1.1. سۇپا، ئىلىم-پەن، تېخنىكا، ئىنژېنېرلىق ۋە ماتېماتىكا (STEM) ساھەلىرىنى ئاساس قىلغان مائارىپ پائالىيەتلىرىنى قوللاش، ئىشلەتكۈچىلەرگە سۈپەتلىك ئۆگىنىش مۇھىتى تەمىنلەش ۋە بىلىم ئالماشتۇرۇشنى ئاسانلاشتۇرۇش مەقسىتىدە لايىھەلەنگەن،
1.2. بۇ كېلىشىم، سۇپىنىڭ ئىشلىتىلىشىگە ئائىت قائىدىلەرنى، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلىرىنى، سۇپىنىڭ ئىشلەش ئاساسلىرىنى ۋە تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيەتلىرىنى تەڭشەيدۇ.
1.3. سۇپىغا تىزىملاتقان ياكى سۇپىنى ئىشلەتكەن ھەر بىر ھېسابات ئىگىسى ياكى شەخىس (بۇنىڭدىن كېيىن «ئىشلەتكۈچى» دەپ ئاتىلىدۇ)، بۇ كېلىشىمگە رىئايە قىلىشقا مەجبۇر.
2.1. ھېسابات بىخەتەرلىكى: ئىشلەتكۈچى، ئۆزىگە تەۋە ھېسابات ئۇچۇرلىرىنىڭ (ئىشلەتكۈچى نامى، شىفىر قاتارلىقلار) مەخپىيلىكىدىن ۋە بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل بولىدۇ. ئىشلەتكۈچى، ھېسابات ئۇچۇرلىرىنى ئۈچىنچى تەرەپلەر بىلەن ئورتاقلاشماسلىقنى ۋە ھېساباتى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان بارلىق پائالىيەتلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.
2.2. قانۇنىي ئىشلىتىش: ئىشلەتكۈچى، سۇپىنى پەقەت ئوقۇتۇش ۋە تەربىيە مەقسەتلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغانلىقىنى، قانۇنسىز، ئەخلاققا خىلاپ ياكى ئۈچىنچى تەرەپلەرنىڭ ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىدىغان ھەر قانداق پائالىيەت ئېلىپ بارمايدىغانلىقىغا ۋەدە بېرىدۇ.
2.3. مەزمۇن مەسئۇلىيىتى: ئىشلەتكۈچى تەرىپىدىن سۇپىغا يۈكلەنگەن ھەر خىل مەزمۇن (تېكىست، كۆرۈنۈش، ۋىدېئو، ھۆججەت قاتارلىقلار) ئىشلەتكۈچىنىڭ مەسئۇلىيىتىدە بولىدۇ. ئىشلەتكۈچى، يۈكلىگەن مەزمۇنلىرىنىڭ مەۋجۇت قائىدە-نىزاملارغا، نەشر ھوقۇقىغا ۋە پىكىر مۈلۈك ھوقۇقىغا مۇۋاپىق ئىكەنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
2.4. كېلىشىمگە رىئايە قىلىش: ئىشلەتكۈچى، بۇ كېلىشىمگە ۋە سۇپىنىڭ ئىشلىتىلىشىگە ئائىت باشقا بارلىق قائىدىلەرگە، يېتەكچىلىكلەرگە رىئايە قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بېرىدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا، سۇپا ئىشلەتكۈچىنىڭ ھېساباتىنى ۋاقىتلىق ياكى مەڭگۈلۈك توختىتىش ياكى ئاخىرلاشتۇرۇش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدۇ.
3.1. سۇپا، خىزمەتلەرنىڭ دائىرىسىنى، مەزمۇنىنى، لايىھەسىنى ياكى ئىشلەش تەرتىپىنى ئالدىنئالا ئۇقتۇرۇشسىز ئۆزگەرتىش، توختىتىش ياكى ئاخىرلاشتۇرۇش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدۇ.
3.2. سۇپا، ئىشلەتكۈچى تەرىپىدىن تەمىنلەنگەن مەزمۇنلارنىڭ مۇۋاپىقلىقىنى تەكشۈرۈش ۋە زۆرۈر دەپ قارىغاندا بۇ مەزمۇنلارنى ئۆچۈرۈش، تەھرىرلەش ياكى زىيارەتتىن چەكلەش ھوقۇقىغا ئىگە.
3.3. سۇپا، كېلىشىمگە خىلاپ ھەرىكەتلەرنى بايقىغاندا، مۇناسىۋەتلىك ئىشلەتكۈچىنىڭ ھېساباتىنى توختىتىش، چەكلەش ياكى پۈتۈنلەي تاقىۋېتىش ھوقۇقىغا ئىگە.
4.1. سۇپا، خىزمەتلەرنىڭ ئۆزلۈكسىز، خاتاسىز بولىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلمايدۇ، ئەمما ئىشلەتكۈچىلەرگە تېخىمۇ ئازادە، سۈپەتلىك مۇھىت يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ باھاسى ۋە تەكلىپ-پىكىرلىرىگە بىنائەن ئۆزلۈكسىز يېڭىلىنىپ تۇرۇشىغا تىرىشىدۇ.
4.2. تېخنىكىلىق كاشىلا، ئاسراش خىزمەتلىرى ياكى باشقا مەجبۇرىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن خىزمەتلەردە ئۈزۈلۈش بولۇشى مۇمكىن.
5.1. بۇ كېلىشىم، ئىشلەتكۈچىنىڭ سۇپىغا تىزىملىشى ۋە كېلىشىمنى قوبۇل قىلىشى بىلەن كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
5.2. سۇپا، بۇ كېلىشىمدە ئۆزگەرتىش قىلىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدۇ. ئۆزگەرتىشلەر سۇپا ئارقىلىق ياكى ئىشلەتكۈچىلەرگە خەۋەر قىلىنغان باشقا مۇۋاپىق يوللار ئارقىلىق ئېلان قىلىنىدۇ.
5.3. ئىشلەتكۈچى، ھېساباتىنى خالىغان ۋاقىتتا تاقاش ئارقىلىق كېلىشىمنى بىكار قىلسا بولىدۇ. سۇپا، كېلىشىمگە خىلاپ ھەرىكەتلەرنى بايقىغاندا كېلىشىمنى بىر تەرەپلىمە بىكار قىلىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدۇ.
ھۆرمەتلىك ئىشلەتكۈچى، بۇ شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغداش كېلىشىمى (بۇنىڭدىن كېيىن «كېلىشىم» دەپ ئاتىلىدۇ)، UyghurSTEM ئوقۇتۇش سۇپىسى (بۇنىڭدىن كېيىن «سۇپا» دەپ ئاتىلىدۇ) نىڭ ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى يىغىش، بىر تەرەپ قىلىش، ساقلاش ۋە قوغداشقا ئائىت ئاساسلارنى تەڭشەيدۇ.
سۇپىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق، سىز بۇ كېلىشىمنىڭ بارلىق شەرتلىرىنى، قوشۇمچىلىرىنى ۋە سۇپىنىڭ باشقا مەخپىيەت سىياسەتلىرىنى ئوقۇغانلىقىڭىزنى، چۈشەنگەنلىكىڭىزنى ۋە ئۇلارغا رىئايە قىلىشنى قوبۇل قىلغانلىقىڭىزنى بايان قىلغان بولىسىز.
1.1. سۇپا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئومۇمىي مەلۇماتلارنى قوغداش نىزامى (GDPR) ۋە ئامېرىكا قوشما شىتاتى بالىلارنىڭ توردىكى مەخپىيەتلىكىنى قوغداش قانۇنى (COPPA) قاتارلىقلارغا ماس ھالدا ھەرىكەت قىلىدىغان بولۇپ، خىزمەتلەرنى تەمىنلەش، ئىشلەتكۈچى تەسىراتىنى ياخشىلاش ۋە ئوقۇتۇش جەريانلىرىنى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىش مەقسىتىدە زۆرۈر بولغان شەخسىي ئۇچۇرلارنى سۇپىدا ساقلىشى مۇمكىن.
بۇ ئۇچۇرلار ئىسىم، فامىلە، ئېلېكترونلۇق خەت ئادرېسى، ئالاقە ئۇچۇرلىرى، ئوقۇش تارىخى ۋە سۇپىنى ئىشلىتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقا سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
1.2. يىغىلغان ئۇچۇرلار تۆۋەندىكى مەقسەتلەر ئۈچۈن بىر تەرەپ قىلىنىدۇ:
2.1. سۇپا، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى ھېچقانداق شەكىلدە، ھېچقانداق شەرتتە، ھېچقانداق شەخىس، شىركەت، ئورگان، تەشكىلات بىلەن ئورتاقلاشمايدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق ۋە قەتئىي ۋەدە بېرىدۇ.
2.2. ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرى، قانۇنىي مەجبۇرىيەت، سوت قارارى ياكى باشقا ئوخشاش بىر ئەھۋال بولغاندىمۇ ئۈچىنچى تەرەپلەر بىلەن ئورتاقلاشمايدۇ. سۇپا، شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئورتاقلاشتۇرۇشقا يول قويىدىغان ھېچقانداق ئەھۋالنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قوبۇل قىلمايدۇ ۋە بۇ جەھەتتە ئىشلەتكۈچى ئۇچۇرلىرىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى مۇتلەق يۇقىرى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى قوللىنىدۇ.
2.3. شەخسىي ئۇچۇرلار پەقەت سۇپىنىڭ ئۆزىنىڭ بىخەتەر سىستېمىلىرىدا ساقلىنىدۇ ۋە بۇ ئۇچۇرلارغا پەقەت رەسمىي ھوقۇق بېرىلگەن خادىم تەرىپىدىن، پەقەت زۆرۈر ئەھۋاللاردا ۋە قاتتىق بىخەتەرلىك تەرتىپلىرى چەكلىمىسىدە زىيارەت قىلىنىدۇ.
2.4. سۇپا، شەخسىي ئۇچۇرلارنى سودا مەقسىتىدە ئىشلىتىش، سېتىش، ئىجارىگە بېرىش ياكى ھەر قانداق شەكىلدە ئۈچىنچى تەرەپلەرگە يۆتكەش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قەتئىي يول قويمايدۇ.
3.1. سۇپا، شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغداش ئۈچۈن سانائەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىلىق ۋە باشقۇرۇش بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قوللىنىدۇ. بۇ تەدبىرلەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدىكى زىيارەت، سانلىق مەلۇمات يوقىلىشى، سۇيىئىستىمال قىلىنىش ياكى سانلىق مەلۇمات بۇزۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە لايىھەلەنگەن.
3.2. سۇپا، شەخسىي ئۇچۇرلار ساقلانغان سىستېمىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن شىفىرلاش تېخنىكىلىرى، بىخەتەر مۇلازىمېتىرلار ۋە باشقا زامانىۋى بىخەتەرلىك مېخانىزملىرىنى ئىشلىتىدۇ.
4.1. ئىشلەتكۈچى، شەخسىي ئۇچۇرلىرىغا زىيارەت قىلىش، ئۇلارنى تۈزىتىش، يېڭىلاش ياكى ئۆچۈرۈش ھوقۇقىغا ئىگە. بۇ تەلەپلەر سۇپىنىڭ رەسمىي ئالاقە يوللىرى ئارقىلىق يەتكۈزۈلسە بولىدۇ.
4.2. ئىشلەتكۈچى، شەخسىي ئۇچۇرلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشى توغرىسىدا تەپسىلىي ئۇچۇر تەلەپ قىلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش پائالىيەتلىرىگە ئىتىراز بىلدۈرۈش ھوقۇقىغا ئىگە. سۇپا، بۇ تەلەپلەرگە مەۋجۇت قائىدە-يوسۇنلاردا بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە جاۋاب بېرىدۇ.
4.3. ئىشلەتكۈچى، شەخسىي ئۇچۇرلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىغا ئائىت ئوچۇق رىزالىقىنى خالىغان ۋاقىتتا قايتۇرۋېلىش ھوقۇقىغا ئىگە. رىزالىقنى قايتۇرۋېلىش ئىلگىرىكى ئىشلارنىڭ يۈرۈشۈشىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
5.1. بۇ كېلىشىم، ئىشلەتكۈچىنىڭ سۇپىغا تىزىملىشى ۋە كېلىشىمنى قوبۇل قىلىشى بىلەن كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
5.2. سۇپا، بۇ كېلىشىمدە ئۆزگەرتىش قىلىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدۇ. ئۆزگەرتىشلەر سۇپا ئارقىلىق ياكى ئىشلەتكۈچىلەرگە خەۋەر قىلىنغان باشقا مۇۋاپىق يوللار ئارقىلىق ئېلان قىلىنىدۇ.
5.3. ئىشلەتكۈچى، كېلىشىمدىكى ئۆزگەرتىشلەرنى قوبۇل قىلمىغاندا سۇپىنى ئىشلىتىشنى توختىتىش ھوقۇقىغا ئىگە.